جۇڭگو ئاشلىقى كوكا كولا ئىچىملىك (شىنجاڭ)چەكلىك شېركىتىنىڭ بۇرۇنقى نامى شىنجاڭ جۇڭگو ئاشلىقى كوكا كولا ئىچىملىك چەكلىك شېركىتى بولۇپ،2002-يىلى 6-ئايدا قۇرۇلغان،2009-يىلى6-ئاينىڭ 24-كۈنى جۇڭگو ئاشلىقى كوكا كولا ئىچىملىك چەكلىك شېركىتى بىلەن شىنجاڭ دوستلۇق شېركىتى ئورتاق مەبلەغ سالغان جۇڭگو ئاشلىقى كوكا كولا ئىچىملىك(شىنجاڭ)چەكلىك شېركىتى رەسمىي قۇرۇلدى .شېركەت ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى لۇشەن كوچىسىغا جايلاشقان بولۇپ،ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 200 مو،زاۋۇتنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 23 مىڭ كۋادىرات مېتىر.شېركەت كوكا كولا شېركىتىنىڭ تاۋار ماركىسى ئىجازىتىگە ،كوكا كولا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرىنى بوتۇلكىغا قاچىلاش ئالاھىدە ئىجازىتىگە ئېرىشكەن بولۇپ،يېشىل،مۇھىت ئاسرايدىغان،ئېنىرگىيە تىجەيدىغان ،سۈپىتىگە ۋە ئىچىملىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلالايدىغان زامانىۋىي ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەلىرى ئارقىلىق يىلىغا 200 مىڭ توننا ئىچىملىك ئىشلەپ چىقىرىدۇ . ئاساسلىق مەھسۇلاتلىرىدىن كوكا كولا،نۆل گىرادۇسلۇق كوكا كولا،شۆبى،فېىندا،شىڭمۇ،يىچۈەن، مېيجىيۈەن،مېۋە دانچىلىق نەييۇ،يۈەنيې چېيى ۋە شەبنەم قاتارلىقلار بار.كەلگۈسىدە يەنە ئىستىمالچىلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ چىقىرىدۇ.
شېركەت پۈتۈن شىنجاڭنى قاپلىغان سېتىش تورى بەرپا قىلغان بولۇپ،سانجى،كورلا،قۇمۇل،ئاقسۇ، كۈيتۈن،غۇلجا،ئاقسۇ، قەشقەر، شىخەنزىدە شۆبە شېركىتى،قاراماي،قۇمۇل ، تۇرپان، بۆرتالا، چۆچەك، ئالتاي، كۇچار، خوتەن، يەكەن قاتارلىق جايلاردا ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرى بار.
جۇڭگو ئاشلىقى كوكا كولا ئىچىملىك(شىنجاڭ) چەكلىك شېركىتى« ۋەدىگە ئەمەل قىلىش، كەسپىي نەتىجىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئادەمنى ئاساس قىلىش، ئورتاق تىرىشىپ پايدىنى قولغا كەلتۈرۈش» تىن ئىبارەت گۇروھ قىممەت قارىشىغا ئەمەل قىلىپ،«زامانغا لايىق ئىچىملىك بىلەن تەمىنلەپ، مەڭگۈلۈك قىممەتنى ئورتاق يارىتىش»تىن ئىبارەت كارخانە بۇرچىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ،شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئىستىمالچىلار ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىدۇ.